خۇ پىڭ: « ‹غەربىي رايون پىلانى› كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈشتۇر»
بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى ماھىيەتتە، شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ مىللىي تەركىبىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر
يېقىندا خىتايدا «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ غەربىي رايون پىلانى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى پىكىر» دەپ ئاتالغان بىر بەلگىلىمە تارقىتىلغان. بۇ ئاتالمىش «پىكىر» دە، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشقا...