يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزى قۇربى يېتىدىغان ئىشلارغىمۇ سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىش شەھەردىن سەھرالارغىچە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئوغۇت چىقىرىشتىن تارتىپ، يەرنىڭ پۇتاقچىلىق، ئوتاقچىلىق ئىشلىرى ھەممىسىنى بۇ ئىشلەمچىلەر ئۈستىگە ئالدى. دېھقانلىرىمىزنى بېيىپ كەتتىمىكىن دېسىڭىز، نەچچە يىل بۇرۇن كىيگەن چاپان يەنىلا ئۇچىسىدا. تەن قۇۋۋىتى يېتىشمەمدىكىن دېسىڭىز، ھەر ھالدا گۆشسىز تائام يېمەيدۇ. بىر قانچە يىللارنىڭ ئالدىدا مەھەللە- مەھەللىلەردە كېسەك قۇيۇش ، ئورما قىلىش مۇسابىقىلىرى بولۇپ تۇراتتى. توم بىلەكلىك نۇرغۇن يىگىتلەر سېپىلدەك مەزمۇت سوقمىلارنى سوقۇپ يۇرت بىنا قىلىپ ئۆتكەن ئىدى. بىز كىتاپ ياكى رادىئو- تېلۋىزىيىلەردىن چەتئەللىك مىليونېرلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلا بولسا ئورۇندۇق ياساشتىن تارتىپ ھەممىنى ئۆزى قىلىدىغانلىقىنى، ئەمگەك ئارقىلىق تۇرمۇشىغا مەنە تاپىدىغانلىقىنى كۆرۇپ تۇرىمىز. يېنىدا پۇلى ئېشىنغان ئادەم ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئىشلارغا پۇل خەجلەشنى خىيال قىلالايدۇ.
بىزدە بولسا بىرنەچچە يىل كېيىن قولغا كېلىدىغان پۇللارنىمۇ ئالدىن خەجلىۋېتىدىغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى مەۋجۇت. بىر قىسىم دېھقانلىرىمىز قولى ئاز- تولا پۇل كۆرگەندىن كېيىن راھىتىنى سۈرمەكچى بولۇپ شەھەردىن بىنا سېتىۋېلىپ، ئاخىرى ئىسسىنىش پۇلىغا چىقىنالماي ئۆيىنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. كونىلاردا "ئىشتانغا چىققان كوڭۇلگە تايىن" دېگەن گەپ بار. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەر قىلىش ، قىلالماسلىق شۇ كىشىنىڭ كىرىمىگە مۇقەررەر تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىر خەنزۇ قوشنام بار. ئۇ بىنا ئۆينى سېتىۋالغان دەسلەپكى يىلى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىپ كېيىنكى يىلى ئىجارە پۇلىغا تايىنىپ ئۆينى زىننەتلەتتى. بۇ جەرياندا ئۆزى سىرتتا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ بىرمۇنچە چىقىمنى تېجەپ قالدى.
ئۇلارنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىگە تولىمۇ قايىل بولغان ئىدىم. بىر نەپەر كادىر تونۇشۇم بار ئىدى. ئۇ يېزىلاردا نۇرغۇن ياشلارنىڭ قۇربى يەتكۇدەك ئىشلارنى قىلغىلى ئادەم يوق ئىشلەمچى ئىزدەپ يۇرگىنىنى ئاڭلاپ، بىر نەچچە ياش بالىنى تەشكىللەپ، يەكشەنبىلەردە سۇۋاقچىلىق ، تامچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپتۇ. بىر قېتىم ئۇ ئىككى كۇندىلا 1800 يۇەن پۇل تاپقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمگەك قىلىپ بىرەر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ھېچكىم ئاڭلىغىنى يوق. سىزنىڭ تاغدەك دۇنيايىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ ، ئورۇنسىز چىقىم قىلىۋەرسىڭىز، ئاخىرى نادامەتتە قالىسىز،