ھەر قېتىم خىزمەتكە ماڭغىنىمدا يول بويىدىكى ئەسكى- تۈسكى يىغىۋېلىش ئورنى كۆزۈمگە چېلىقىدۇ. ئاسمانپەلەك دۆۋىلەنگەن بوتۇلكا، يەشىك، سۇلياۋ بۇيۇملار... ھەر كۇنى دېگۈدەك بۇ يەرگە گەنسۇ ياكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان زور تونناجلىق ماشىنىلىرى كېلىپ تاغارغا رەتلىك قاچىلانغان بوتۇلكا ۋە يەشىكلەرنى توشۇپ كېتىدۇ. بىر نەچچە خەنزۇ ياش تىنىمسىز يۈرۈپ تاغارغا ئەسكى- تۇسكى قاچىلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن شەھەر تەۋەسىدىكى ئەسكى - تۈسكى يىغقۇچىلارنىڭ ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا قاچىلانغان كېرەكسىز بۇيۇملارنى بۇ يەرگە ئەپكېلىپ ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن قانۇنىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىدۇ. ئۇلار ئاددى -ساددا ياشايدۇ . كەلگۈسىدىكى باياشادلىق ئۇچۇن. لېكىن ئاشۇ تامچە سۇدەك توپلانغان پۇلى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا يېتىپ ئېشىنغۇدەك بولغاندا سىز ۋە بىز ئۇنىڭ كەينىدىن غايىپ غەزىنىسى بار ئادەمگە قارىغاندەك قاراپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ غايىپ غەزىنىسى دەل ئاشۇ چۈمۈلە روھى. ئۇلار ئۆزىنى چاغلايدۇ. سۈكۈت قىلىدۇ. ئاسان ھاياجانلانمايدۇ. سوغۇققان، پىشقان مىللەتلەرگە خاس پىسخىكا ئۇلارنى مانا مۇشۇنداق مۇۋاپپىقىيەتكە ئىگە قىلغان.
يەنە بىر تەرەپكە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، كىشىلىرىمىزنىڭ تولىمۇ ئالدىراشلىقىنى، ھەتتا ھېلىقى ئىشلەمچى(ئەمەلىيەتتە كەلگۇسىدىكى مىليونىر)لاردىنمۇ ئالدىراشلىقىنى كۆرۈپ قالىمىز. ئۇلار ئۆي زىننەتلەيدۇ. تاكسىدا ئولتۇرىدۇ. بىراق، ئاي ئاخىرىدا چىرايى ئۆي زىننەتلەشتە ئىشلەتكەن تاختايدەك سارغىيىپ كېتىدۇ. يۇقىرى ئۆسۈملۇك قەرز ئۇستىگە قىلىنغان ئورۇنسىز چىقىم خېلى كۆپ كىشىلىرىمىزنى ھالسىراتماقتا. داستىخانلاردىن بەركەت ئۇچۇپ، چىرايلارىن كۈلكە ئۆچۈپ كەتمەكتە. مەن ھازىرغىچە بىنا ئۆينى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن سېتىۋالغان ئۇيغۇرنى ئاز ئۇچراتتىم. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ "خالتىسى" غا بېقىپ "ئۇن تارت" قۇسى بولسىمۇ ھېلىقى بىزنىڭ تەۋەررۇك "دوست- دۇشمەن" ئېڭىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ھازىرغىچە ئۆزىمىزگە تەۋە بولۇپ ياشاپ باقمىدۇق.