ئەقىللىق بولۇڭ!

ئەقىللىق بولۇڭ!

1. ئەقىل ئىگىلىرىگە قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ توغرا تەۋسىيە تەقۋالىققا بۇيرۇشتۇر. بۇ مۇنازىرە قوبۇل قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. شۇڭا ھەرقانداق بىر خۇتبە تەقۋالىققا بۇيرۇش بىلەن باشلىنىدۇ. تەقۋالىق- ئاللاھ تائالاغا ۋە بەخلۇقاتقا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. بۇنى ئاللاھ تائالادىن قورققان ئادەملەرلا قىلالايدۇ. شۇڭا سىز تەقۋالىقنى قولدىن بەرمەڭ. چۈنكى، ئۇ دىن ۋە دۇنيالىق ئەڭ ياخشى ئوزۇق ۋە ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈچۈن چىقىش يولىدۇ. ﴿وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا. وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ﴾ «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ»[1].

2. ئۆتكەنگە ھەسرەت چەكمەڭ. ئەگەر سىز ئۆتمۈشنىڭ ھەسرەت-نادامەتلىرى بىلەن دەرت چېكىپ يۈرسىڭىز، دۇنيا سىزگە كۈلمەيدۇ. چۈنكى سىز ئۇ چاغدا ئۆتمۈشتە قېلىپ بۈگۈننى ياشىيالمايسىز، تۈنۈگۈنكى قاراڭغۇدا قېلىپ بۈگۈنكى قۇياشتىنى كۆرەلمەيسىز. شۇڭا سىز تۆكۈلۈپ كەتكەن سۈتكە ھەسرەت چېكىشنىڭ ئورنىغا يېڭى سۈت سېتىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىڭ.

3. ئۈمىدۋار بولۇڭ. چۈنكى ئۈمىدۋار ئادەم كېچىدە ئاسمانغا قاراپ ئاينىڭ نۇرىنى كۆرىدۇ، ئۈمىدسىز ئادەم ئاسمانغا قاراپ قاراڭغۇلۇقنى كۆرىدۇ. ئۈمىدۋار ئادەم كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىدۇ، ئۈمىدسىز ئادەم ئۆزىنىڭ شۇملۇقى سەۋەبلىك مۇھەببەتتىن مەھرىم ياشايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈمىدۋار زات ئىدى. ئۇ ئۈمىدۋارلىقنى ياخشى كۆرەتتى، شۇملۇقنى يامان كۆرەتتى. ئۈمىدسىزلىك ۋە شۇملۇق ئاللاھ تائالاغا قارىتا توغرا قاراشتا بولمىغانلىق، ئۈمىدۋارلىق ئۇنىڭغا قارىتا توغرا قاراشتا بولغانلىقتۇر. مۇئمىنلەر ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار ۋە ئاللاھ تائالاغا قارىتا توغرا قاراشتا بولۇشقا بۇيرۇلغان.

4. قىيىنچىلىق تارتقان چاغلىرىڭىزدا سىزگە ياردەم قولىنى سۇنغان، ھەممە ئادەم سىزنى تاشلىۋەتكەندە تاشلىۋەتمىگەن، ھەممە ئادەم ئۇنتۇپ كەتكەندە ئۇنتۇپ كەتمىگەن ۋە سىزگە مەدەت بەرگەن كىشىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۇلارغا «رەھمەت ئېيتتىم» ۋە «مىننەتدارلىق بىلدۈردۈم» دەپ كۇپايە قىلماڭ، يەنە رەھمەت ئېيتىڭ، ياخشىلىقلىرىنى يەنە قايتۇرۇڭ.