0:00 / 0:00
روھىي چۈشكۈنلۈك: ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار

روھىي چۈشكۈنلۈك: ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار

چۈشكۈنلۈك ئىزچىل غەم-قايغۇدا بولۇش ۋە قىزىقىشنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل كەيپىيات توسالغۇسىدۇر. ئېغىر چۈشكۈنلۈك توسالغۇسى ياكى كىلىنىكىلىق چۈشكۈنلۈك دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ كېسەللىك سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز، تەپەككۇرىڭىز ۋە ھەرىكىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە تۈرلۈك ھېسسىيات ۋە جىسمانىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سىز كۈندىلىك نورمال پائالىيەتلەرنى قىلىشتا قىينىلىشىڭىز، بەزىدە ھاياتنىڭ قىممىتى يوقتەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. چۈشكۈنلۈك پەقەتلا بىر مەزگىللىك كۆڭۈلسىزلىك بولماستىن، ئۇ بىر خىل ئاجىزلىق ئەمەس، شۇنداقلا سىز ئۇنىڭدىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ كېتەلمەيسىز. چۈشكۈنلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمەڭ. كۆپ ساندىكى چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار دورا بىلەن داۋالاش، روھىي داۋالاش ياكى ھەر ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

چۈشكۈنلۈك ئالامەتلىرى يېنىكتىن ئېغىرغىچە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، بۇ ئالامەتلەر غەمكىن بولۇش ياكى كەيپىياتى چۈشكۈن بولۇش، ئىلگىرى قىزىقىدىغان پائالىيەتلەرگە بولغان قىزىقىشى ياكى خۇشاللىقىنى يوقىتىش، ئىشتىھا ئۆزگىرىشى ۋە ئورۇقلاش ياكى سەمىرىش (يېمەك-ئىچمەك كونترول قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز)، ئۇيقۇسىزلىق ياكى زىيادە كۆپ ئۇخلاش، ماغدۇرسىزلىق ياكى ئېغىر چارچاش، ئۆزىنى قىممەتسىز ياكى گۇناھكار ھېس قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، زېھنىنى يىغىش ياكى قارار چىقىرىشتا قىينىلىش، شۇنداقلا ئۆلۈم ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خىيالىدا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈشكۈنلۈككە دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن، بۇ ئالامەتلەر كەم دېگەندە ئىككى ھەپتە داۋاملىشىشى ھەمدە سىزنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئىقتىدارىڭىزدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك. قالقانسىمان بەز مەسىلىلىرى ياكى ۋىتامىن كەمچىل بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەردىمۇ چۈشكۈنلۈككە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا ئالدى بىلەن ئادەتتىكى تېببىي سەۋەبلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

مۆلچەرلىنىشچە، ھەر يىلى ھەر 15 قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ بىرىدە چۈشكۈنلۈك كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا ھەر ئالتە كىشىنىڭ بىرى ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىدە چۈشكۈنلۈكنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. چۈشكۈنلۈك ھەر قانداق ۋاقىتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنىڭ ئاخىرىدىن يىگىرمە نەچچە ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا تۇنجى قېتىم كۆرۈلىدۇ. ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئەرلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.