ھەيزنىڭ بالدۇر كېسىلىشى ئالزىمېر كېسىلىنىڭ تېخىمۇ بالدۇر باشلىنىشىغا ۋە بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن
ھەيزدىن بالدۇر توختاش بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېز تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
25-ئاۋغۇست كۈنى «JAMA Network Open» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار ھەيزدىن بالدۇر توختاش بىلەن نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلمىسىدىكى پايدىسىز نەتىجىلەر ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنەرلىك باغلىنىش بارلىقىنى بايقىدى.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەيز توختاش ۋاقتى بىلەن مېڭە ساغلاملىقى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ھەيز توختاپ ئۆتۈش دەۋرىدىن كېيىن ئون نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار ھەيز توختاشنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك باغلىنىشنى چۈشىنىشنىڭ نىشانلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە كلىنىكىلىق ئارىلىشىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ تەتقىقاتتا «Religious Orders Study» ۋە «Rush Memory and Aging Project» تىن ئىبارەت ئىككى قېرىلىق تەتقىقات تۈرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلانغان. بۇنىڭ ئىچىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى 18 يىلغىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
تۇنجى قېتىم ھەيز كەلگەن ۋاقتى ۋە ھەيز توختىغان يېشى خاتىرىلەنگەن شەخسلەر بۇ تەتقىقاتقا كىرگۈزۈلدى. ئۇلار يەنە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تولۇقلىقىغا ئاساسەن تەھلىل قىلىشقا قاتناشتۇرۇلدى، بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
تەتقىقاتچىلار ھەيزدىن بالدۇر توختاشنىڭ كلىنىكىلىق ئالزىمېر كېسەللىكىنىڭ بالدۇر باشلىنىشى، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ قېرىشىدىكى پايدىسىز جەريانلار ۋە كېيىنكى ھاياتىدىكى مېڭە كىچىكلەشنىڭ تېزلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
بۇ بايقاشلار تۇخۇمدان ھورمۇنىنىڭ يوقىلىش يېشىنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ قېرىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، ھەتتا ھەيز توختاپ ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
كالىفورنىيە شتاتى سانتا مونىكادىكى پروۋىدېنس سانت جون ساغلاملىق مەركىزىنىڭ ئاياللار ساغلاملىقى مۇتەخەسسىسى، تېببىي پەنلەر دوكتورى شېررى روس «ھېلتلاين» (Healthline) غا مۇنداق دېدى: «بۇ تەتقىقات ھەيز توختاش بىلەن بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى بىمارلار بىلەن بىۋاسىتە مۇزاكىرە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ ئىچىدە كېيىنكى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ۋە خەتەرلەر ھەققىدە ئەينەن سۆزلىشىش كېرەك، بولۇپمۇ ھەيزدىن بالدۇر توختىغان ياكى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ھەيزدىن قالغان ئاياللار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر». شېررى روس بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان.
ھەيزدىن بالدۇر توختاش مېڭىدىكى ئاق ماددىلارنىڭ زىيادە قويۇقلىشىشىنىڭ (MRI تەكشۈرۈشىدە كۆرۈنىدىغان مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ زەخىملەنگەن رايونلىرى) تېز توپلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. بۇ باغلىنىش تەبىئىي ھەيزدىن قالغان ئاياللاردا بايقالغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ھەيزدىن قالغانلاردا كۆرۈلمىگەن.
تەتقىقاتتا بايقالغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ھەيز توختاش دەۋرى بەش يىل بالدۇر باشلانغانلارنىڭ مېڭە ئاق ماددىسىنىڭ زەخىملىنىش مىقدارى (WMHV) %15 يۇقىرى بولغان.
تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئالزىمېر كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇلغان ئوتتۇرىچە ياش 88.4 ياش بولغان. بۇ شۇنداق مەنىگە كېلىدۇكى، ھەيز توختىشى 10 يىل بالدۇر باشلانغان ئاياللارنىڭ كېسەل بولماي ياشاش مۇددىتى تەخمىنەن 1.8 يىل قىسقارغان. بۇ ھەيز توختاش ۋاقتىنىڭ ھەر بىر ئون يىل بالدۇر بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئالزىمېر كېسەللىكىنىڭ باشلىنىش سۈرئىتىنىڭ %2 تېزلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شېررى روس ئېستروگېننىڭ مېڭە ئىقتىدارىغا نىسبەتەن كۈچلۈك قوغداش رولى بارلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرى بىلەن نېرۋىلارنىڭ بىرلىكتە ئىشلىشىنى قوللايدۇ، شۇنداقلا مېڭە توقۇلمىلىرىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ياللۇغنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئۇ «ھېلتلاين» غا ئېستروگېننىڭ بەدەندىكى رولىنىڭ نۇرغۇن ئاياللار ئويلىغاندىنمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت كۆپىيىش ئىقتىدارى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«ئېستروگېن ئازايغاندا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللار بۇ ئۆتۈش دەۋرىدە نېمە ئۈچۈن پەقەت مېڭىدىلا ئەمەس، بەلكى بىز ئەمدىلا تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدىمۇ شۇنچە كۆپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتىدۇ» دېدى روس.
روسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەيز كېسىلىش بالدۇر يۈز بەرگەندە، بۇ قوغداش روللىرى تېخىمۇ بالدۇر يوقىلىدىكەن.
ئۇ: «مېڭە ساغلاملىقى مەسىلىسىدە، سىزنىڭ قاچان ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەيزنىڭ قانداق شەكىلدە كېسىلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېدى.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇخۇمداننى ئالدۇرۇۋېتىش سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيەلىك ھەيز كېسىلىشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بۇ سەۋەبتىن ئېستروگېن مىقدارى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتكەن ئاياللاردا ئەسلىمە ئاجىزلىشىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغان ھەمدە ئۇلارغا ئالزىمېر كېسىلى دەپ تېخىمۇ بالدۇر دىياگنوز قويۇلغان. ئەكسىچە، ئېستروگېن مىقدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، ھەيز تەبىئىي كېسىلگەن ئاياللاردا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مېڭە قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ توپلىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستا بولىدىغانلىقى بايقالغان.
روس ھېلتلاينغا مۇنداق دېدى: «بالدۇر ھەيز كېسىلىش، ئوپېراتسىيەلىك ھەيز كېسىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ياكى يۈرەك-قان تومۇر كېسىلى خەۋپى بار ئاياللار ئېنىقلاپ چىقىلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىمە ئاجىزلىشىش ۋە ئالزىمېر خەۋپى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۇزاق مۇددەت كۆزەتكىلى بولىدۇ».
ئۇ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاشنىڭ ھەر ۋاقىت مۇھىملىقىنى، جۈملىدىن تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئالدى:
روس بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەگەر سىزدە تەبىئىي ياكى ئوپېراتسىيە سەۋەبىدىن بالدۇر ھەيز كېسىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا ھەمدە مېڭە ساغلاملىقىڭىزدىن ئەنسىرىسىڭىز، سەھىيە مۇتەخەسسىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ.
مەنبە: Healthline | Tue, 25 Aug 2026 18:43