ھەپتىدە پەقەت ئىككى سائەت كۈچ مەشىقى قىلىش سىزنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.
كۈچ مەشىقى چېنىقىش تۈزۈمى ۋە قەرەللىك جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ قىممەتلىك بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ.
كۈچ ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش مەشىقى سۆڭەك كۈچىنى ئاشۇرۇش، تەڭپۇڭلۇقنى ياخشىلاش ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن مەنپەئەتلەرنى تەمىنلەيدۇ.
يېڭى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە 90 مىنۇتتىن 120 مىنۇتقىچە كۈچ مەشىقى قىلىشنى نىشانلاش ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
«ئەنگلىيە تەنتەربىيە تېبابىتى ژۇرنىلى»دا 2-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان 30 يىللىق بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كۈچ مەشىقىنى 120 مىنۇتتىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ قوشۇمچە مەنپەئەتى يوق ئىكەن.
بۇ كۆپىنچە كىشىلەر ئۈچۈن ھەپتىدە تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە چېنىقىشنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
لوس ئانجېلېستىكى سېدارس-سىناي سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەنتەربىيە تېبابىتى مۇتەخەسسىسى دوكتور كلارىندا خۇگېن مۇنداق دېدى: «يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىدىغان ئاۋىئوبىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يېڭى تەتقىقات چېنىقىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ئېغىرلىق مەشىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۆز بەدەن ئېغىرلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەيدىغان كۈچ مەشىقلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى». كلارىندا خۇگېن بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان.
دوكتور كلارىندا خۇگېن «خېلتلايىن» (Healthline) خەۋەرلىرىگە «مۇسكۇل ماسسىڭىزنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ئاشۇرۇش ئارقىلىق مېتابولىزم ساغلاملىقىڭىزنى ياخشىلاپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرەلەيسىز» دېدى.
بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلار ئۈچ چوڭ قاتناشقۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ 30 يىللىق سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلانغان، ئۇلار:
سېستىرالار ساغلاملىق تەتقىقاتى (NHS)، سېستىرالار ساغلاملىق تەتقىقاتى ئىككىنچى باسقۇچى (NHS II) ۋە ساغلاملىق كەسپىي خادىملىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەتقىقاتى (HPFS).
بۇلار جەمئىي 147 مىڭ 374 قاتناشقۇچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ 31 مىڭ 540 نەپىرى ئەر، 115 مىڭ 834 نەپىرى ئايال. تەتقىقات باشلانغان ۋاقىتتىكى ئوتتۇرىچە ياش 54 ياش ئىدى.
قاتناشقۇچىلارغا 30 يىلغىچە بولغان جەرياندا، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ھەر ھەپتىدە كۈچ مەشىقى ۋە ئاۋىئوبىك ھەرىكەتلەرگە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقى توغرىسىدا سوئال قويۇلۇپ تۇرۇلغان.
ئاۋىئوبىك ھەرىكەتلەر پىيادە مېڭىش، يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش ۋە ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۈچ مەشىقى ئېغىرلىق ياكى ئۆز بەدەن ئېغىرلىقىدىن پايدىلىنىدىغان ھەرىكەتلەرنى، مەسىلەن يەرگە تايىنىپ كۆتۈرۈلۈش، ئالدىغا قەدەم تاشلاپ ئولتۇرۇش ۋە ئولتۇرۇپ-قوپۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەتقىقات جەريانىدا 35 مىڭ 798 قاتناشقۇچى قازا قىلغان. ھەپتىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك كۈچ مەشىقى ئۆلۈم خەۋپىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.
تەتقىقاتچىلار ھەپتىدە 90 مىنۇتتىن 119 مىنۇتقىچە كۈچ مەشىقى قىلىشنىڭ ھەر قانداق سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم خەۋپىنى %13 تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھەپتىدە 120 مىنۇتتىن ئاشۇرۇپ چېنىقىشنىڭ قوشۇمچە مەنپەئەتى كۆرۈلمىگەن.
تەتقىقاتچىلار يەنە ھەپتىدە 90 مىنۇتتىن 120 مىنۇتقىچە كۈچ مەشىقى قىلىشنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى %19 تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئوخشاش مىقداردىكى كۈچ مەشىقى نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈش خەۋپىنىمۇ %27 تۆۋەنلەتكەن.
راك كېسىلى خەۋپىنىڭ تۆۋەنلىشى پەقەت كۈچ مەشىقى تۆۋەن سەۋىيەدە بولغاندا كۆرۈلگەن. ھەپتىدە 1 مىنۇتتىن 29 مىنۇتقىچە چېنىققاندا راك خەۋپى %9 تۆۋەنلىگەن بولسا، ھەپتىدە 30 مىنۇتتىن 59 مىنۇتقىچە چېنىققاندا %12 تۆۋەنلىگەن.
بۇ بىر نازارەت خاراكتېرلىك تەتقىقات بولغانلىقى ئۈچۈن، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېنىق خۇلاسە چىقارغىلى بولمايدۇ. تەتقىقاتچىلار يەنە تەتقىقاتنىڭ چەكلىمىلىرى بارلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.
بۇ چەكلىمىلەر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆز مەلۇماتىغا تايانغانلىقى، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە پىلاتېس قاتارلىق كۈچ مەشىقى تۈرلىرىنىڭ تەتقىقاتقا كىرگۈزۈلمىگەنلىكى، شۇنداقلا ھەر بىر قېتىملىق چېنىقىش ۋاقتىنىڭ داۋاملىشىش مۇددىتى ياكى كۈچ مەشىقىنىڭ سىجىللىقى ھەققىدە ئۇچۇرنىڭ كەمچىللىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ ھەر قانداق بىرى تەتقىقات نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
شۇنداقتىمۇ، تەتقىقات نەتىجىلىرى دائىملىق كۈچ مەشىقى بىلەن ئۆلۈم نىسبىتى ۋە ئومۇمىي ساغلاملىق ئوتتۇرىسىدا يەنىلا بىر خىل باغلىنىش بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
«گەرچە تۆۋەنرەك نىشانلاردىمۇ پايدىلىق تەرەپلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق ئالاھىدە تەتقىقاتتا ھەپتىسىگە 90 مىنۇتتىن 120 مىنۇتقىچە بولغان دائىرە ئەڭ مۇۋاپىق دەپ دوكلات قىلىندى. بۇ بولسا مەزكۇر پايدىلارنى تەشۋىق قىلىدىغان ئاللىبۇرۇن جەزملەشكەن پاكىتلار توپلىمىغا يېڭى بىر ئىسپات قوشتى» دېدى نيۇيوركتىكى مانخاتتان يۈرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ كىنىشكىلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، تىببىي پەنلەر دوكتورى مارى گىرىن. مارى گىرىن مەزكۇر تەتقىقاتقا قاتناشمىغان.
كۈچ مەشىقى دېيىلگەندە، سىز تەبىئىي ھالدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش سايمانلىرى بىلەن چېنىقىشنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، سىزدە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش سايمانلىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ، كۈندىلىك تەرتىپىڭىزگە كۈچ مەشىقىنى قوشۇشنىڭ باشقا يوللىرىمۇ بار.
بۇ تەتقىقات كۈچ مەشىقىنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى پايدىسىغا ئەھمىيەت بەرگەن. ئەمما، بۇ خىل چېنىقىشنىڭ يەنە باشقا تۈرلۈك پايدىلىرىمۇ بار.
مارى گىرىن خەلسلاين تورىغا كۈچ مەشىقىنىڭ باشقا بىر قىسىم پايدىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى:
خاۋگېن مۇنداق دېدى: «يېڭى بىر چېنىقىش پىلانىنى باشلاشنى پىلانلىغاندا، ئەگەر سىزدە ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ساغلاملىق مەسىلىلىرى بولسا، ئالدى بىلەن دوختۇرىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىش پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.»
«سىز يەنە ئۆزىڭىز ھۇزۇرلىنالايدىغان چېنىقىش ياكى پائالىيەتلەرنى تېپىشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇ سىزنىڭ كۈندىلىك چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىماللىقىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. ئاخىرىدا، سىز چېنىقىشقا تەدرىجىي سىڭىشىشنى پىلانلىشىڭىز، دەسلەپتە كىچىك نىشانلارنى بېكىتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدا تېخىمۇ يۇقىرى پائالىيەت سەۋىيەسىگە يېتىشىڭىز كېرەك.»
مەنبە: Healthline | Wed, 03 Jun 2026 07:40