ەاراق ئىچىش راك كېسىلى خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. ھەر قانداق مىقداردا ئىچىش ساغلاملىق ئۈچۈن بىخەتەرمۇ؟
ھاراق ئىستېمال قىلىش ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇش بىلەن باغلىنىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ تۈرلۈك تەتقىقات ئۇنىڭ يوشۇرۇن تەسىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
2-سېنتەبىر «دە لەنسېت رېگىئونال خېلت – ئامېرىكاس» (The Lancet Regional Health – Americas) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان راك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى 1990-يىلىدىن بۇيان ئىككى ھەسسە ئاشقان.
بۇ بايقاشلار ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋپلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان باشقا يېقىنقى تەتقىقاتلار بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقتى.
«ناتۇرە خېلت» (Nature Health) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا ھاراق ئىستېمالى بىر قانچە خىل راك ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرى بىلەن باغلانغان بولسا، «كەنسېر» (Cancer) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆپ ھاراق ئىچىشنىڭ كولورېكتال راكى (تۈز ئۈچەي راكى) غا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئۆمۈرلۈك ئاشۇرىدىغانلىقى بايقالغان.
بۇ بايقاشلار بىرلىكتە ھاراق ئىستېمالىنىڭ، بولۇپمۇ كۆپ ئىچىشنىڭ يوشۇرۇن ساغلاملىق خەۋپىگە بولغان پاكىتلارنى تېخىمۇ كۆپەيتتى.
تەتقىقاتچىلار «يەر شارى كېسەللىك يۈكى» (Global Burden of Disease) نىڭ ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلانغان. ئۇلار ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىللىق راك ئۆلۈم سانىنىڭ 1990-يىلىدىكى 11 مىڭ 361 دىن 2023-يىلىغا كەلگەندە 23 مىڭ 126 گە يەتكەنلىكىنى بايقىغان.
ئەرلەر ۋە 55 ياشتىن ئاشقانلار ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغۇچىلار بولسىمۇ، ئەمما ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى كۆپىنچە راك تۈرلىرى، ياش گۇرۇپپىلىرى ۋە رايونلاردا كۆرۈلگەن.
تەتقىقاتتا يەنە ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك راك ئۆلۈمىنىڭ پەقەت ياشانغانلار ياكى جىگەر راكى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئەمەلىيەتتە، 20 ياشتىن 54 ياشقىچە بولغانلار ئارىسىدا، كولورېكتال راكى ئەرلەردە ھاراق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان راك ئۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان بولسا، ئاياللاردا سۈت بېزى راكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
«بۇ تەتقىقاتتا ئېنىق بولغان نۇقتا شۇكى، ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك راك خەۋپى پەقەت بىرلا خىل كېسەللىك ياكى بىرلا تۈركۈم كىشىلەر بىلەن چەكلەنمەيدۇ» دەيدۇ سىلۋېستېر ئۇنىۋېرسال راك مەركىزى تېببىي ئونكولوگىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋە تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى دوكتور جىلبېرتو لوپېس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قوشۇمچە قىلغان: «بىز دوختۇرلار ۋە راك تەتقىقاتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىمارلارنىڭ ھاراقنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بىر خەۋپ ئامىلى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش پۇرسىتىمىز بار، ھەتتا كىچىك ۋە ئاڭلىق ئۆزگىرىشلەرمۇ جەمئىيىتىمىزدىكى راك خەۋپىنى ئازايتىش تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولالايدۇ».
تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھەتتا تۆۋەن دەرىجىدىكى ھاراق ئىستېمالىمۇ بەزى ساغلاملىق مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم راك تۈرلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
تەتقىقاتچىلار ھاراق ئىستېمالى بىلەن 10 خىل راك، 4 خىل يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە باشقا 6 خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 خىل ساغلاملىق نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى باھالاش ئۈچۈن، 843 دانە گۇرۇپپا ۋە دېلو كونترول تەتقىقاتىنى تەھلىل قىلغان.
تەتقىقاتچىلار ھاراق ئىستېمالى بىلەن تۆۋەندىكى بەش خىل ساغلاملىق نەتىجىسىنىڭ خەۋپى ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇراھال پاكىت تاپقان:
1. كولورېكتال راكى (تۈز ئۈچەي راكى)
2. سۈت بېزى راكى
3. قىزىلۆڭگەچ راكى
4. جىگەر راكى
5. يۇتقۇنچاق راكى
تەتقىقاتچىلار يۇتقۇنچاق راكىغا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك پاكىت تاپقان بولۇپ، تەتقىقاتتا تەكشۈرۈلگەن تىپىك ئىستېمال سەۋىيەسىگە ئاساسەن، ھاراق ئىچىش بۇ خىل راك خەۋپىنى كەم دېگەندە %105 ئاشۇرۇۋەتكەن.
«رىكاۋېرد» (Recovered) تەشكىلاتىنىڭ كېنىشكىلىك مەسلىھەتچىسى ۋە ئادەتلىنىش مۇتەخەسسىسى دوكتور مات گلوۋىياك «خېلتلاين» (Healthline) غا بەرگەن ئىلگىرىكى بىر زىيارىتىدە: «مەن ھاراق ئىستېمالىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىدە ئوينايدىغان رولىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن بولساممۇ، ئەمما كىمدۇر بىرى مەندىن بىخەتەر ھاراق ئىچىش ھەققىدە سورىسا، مەن ھەمىشە ھاراقنى پۈتۈنلەي تاشلاش ئەڭ بىخەتەر ۋە ئەڭ توغرا تاللاش دەپ سۆز باشلايمەن» دېگەن.
«ئەگەر بىر كىشى ھاراق ئىچمەكچى بولسا، يېشى توشقان بولسا بۇ ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىدۇر. ئەمما ئۇلار سالامەتلىككە بولغان تەسىرلەرنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك، بۇ تەسىرلەر ئىچىملىك ماركىلىرىغا بىۋاسىتە چاپلانغان ھەر قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى ئۇ.
يېقىنقى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۆمۈر بويى ھاراق ئىستېمال قىلىش مىقدارى يۇقىرى بولغان كىشىلەردە تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14.5 يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، 88 مىڭ 92 نەپەر قاتناشقۇچى ئارىسىدا 1679 تۈز ئۈچەي راكى كېسىلىنى كۆزەتكەن.
ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئۆمۈر بويى ھەپتىسىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېتىم ھاراق ئىچىدىغان نۆۋەتتىكى ئىچكۈچىلەرنىڭ تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى، ھەپتىسىگە بىر قېتىمدىن ئاز ئىچىدىغان نۆۋەتتىكى ئىچكۈچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا پىرسەنت 25 يۇقىرى بولغان. بۇ ئىستېمال سەۋىيەسى يەنە تۈز ئۈچەي راكى خەۋپىنىڭ پىرسەنت 95 يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار يەنە ئىزچىل تۈردە ئاز مىقداردا ھاراق ئىچىش ئادىتى بارلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئىزچىل كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىشنىڭ تۈز ئۈچەي راكى خەۋپىنى پىرسەنت 91 ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلار ئىلگىرى ئوتتۇراھال ياكى كۆپ مىقداردا ھاراق ئىئۆزەك كېيىن تاشلىغانلارنى تەكشۈرگەندە، ئۇلاردا تۈز ئۈچەي راكى خەۋپىنىڭ ئىزچىل ئاز ئىچىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات تاپالمىغان.
نۆۋەتتە ئاز مىقداردا ھاراق ئىچىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھاراقنى تاشلىغانلاردا يەنە ئىلگىرىلىمىگەن ئادېنوما (تۈز ئۈچەي راكىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن بولغان ئۆسمە) غا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەن بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بايقاش ھاراقنى تاشلاشنىڭ ئادېنوما خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
«بۇ تەتقىقات ھاراق ئىستېمالىنى ئازايتىشنىڭ ھەرگىزمۇ كېچىكىپ قالمايدىغانلىقىدىن ئۈمىد بېرىدۇ، چۈنكى بۇ ئۈچەي گۆش ئۆسمىسىنى ئازايتىپ، راك كېسىلىنى ئازايتىش مۇمكىنچىلىكىنى يارىتىشى مۇمكىن» دېدى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانتا مونىكا شەھىرىدىكى پىروۋىدېنس سانت جون راك تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ۋە جىگەر-ئۆت يولى پىروگراممىسىنىڭ مۇدىرى، تاشقى كېسەللىكلەر راك دوختۇرى ۋە تېببىي ئىشلار مەسئۇلى دوكتور ئانتون بىلچىك ئىلگىرى خېلسلاينغا بەرگەن بىر زىيارىتىدە.
مەنبە: Healthline | Tue, 08 Sep 2026 18:08