0:00 / 0:00
بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە روھىي ساغلاملىق: جىسمانىي ھەرىكەت مېڭىگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟

بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە روھىي ساغلاملىق: جىسمانىي ھەرىكەت مېڭىگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە جىسمانىي پائالىيەتلەر چۈشكۈنلۈك ۋە ئەنسىزلىك ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش مېڭىدە نېرۋا ئۆسۈشى، ياللۇغنىڭ ئازىيىشى ۋە خاتىرجەملىك ھەم ئامانلىق ھېسسىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى پائالىيەت ئەندىزىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ يەنە مېڭىدىكى روھنى ئۇرغۇتىدىغان ۋە كىشىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلايدىغان كۈچلۈك خىمىيەلىك ماددا — ئېندورفىننى قويۇپ بېرىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش يەنە كىشىنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرۇپ، سىزنى چۈشكۈنلۈكنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان مەنپىي پىكىرلەر دەۋرىيلىكىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئازراق تىنچ ۋاقىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ بېسىمنى ئازايتىدىغانلىقى، ئەسلىمىنى ياخشىلايدىغانلىقى، ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغانلىقى ۋە ئومۇمىي كەيپىياتنى كۆتۈرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم بەدەن چېنىقتۇرۇش مەستانىسى بولۇش ھاجەتسىز. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە مۇۋاپىق مىقداردىكى چېنىقىشمۇ ھەقىقىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ. يېشىڭىز ياكى بەدەن ساپايىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز بەدەن چېنىقتۇرۇشنى روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېنېرگىيە ۋە تۇرمۇش قارىشىڭىزنى ياخشىلاش ھەمدە تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالالايسىز. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش يېنىك ۋە ئوتتۇراھال دەرىجىلىك چۈشكۈنلۈكنى چۈشكۈنلۈككە قارشى دورىلارغا ئوخشاش ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئەكس تەسىر يوق. كۈنىگە 15 مىنۇت يۈگۈرۈش ياكى بىر سائەت پىيادە مېڭىش ئېغىر دەرىجىلىك چۈشكۈنلۈك خەۋپىنى 26 پىرسەنت تۆۋەنلىتىدۇ. تەتقىقاتلار يەنە چېنىقىش ئادىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ چۈشكۈنلۈك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىشتىن سىرت، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بەدەن چېنىقتۇرۇش تەبىئىي ۋە ئۈنۈملۈك ئەنسىزلىككە قارشى داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. ئۇ جىددىيلىك ۋە بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ، جىسمانىي ۋە روھىي ئېنېرگىيەنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە ئېندورفىن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئامانلىق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىدۇ.