زىيادە كۆپ ئولتۇرۇش راك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئەمما قىسقا ۋاقىتلىق يېنىك ھەرىكەتلەرنىڭ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئولتۇرۇشلۇق تۇرمۇش ئادىتى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا ھەممىلا يەردە مەۋجۇت. نۇرغۇن خىزمەتلەر ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ۋە كىنولارنى كۆرۈشكە ياكى سىن ئويۇنلىرىنى ئويناشقا ئامراق. سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئولتۇرۇشلۇق تۇرمۇش شەكلى ھەر خىل ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
2-ئىيۇل «پىلوس مېدىتسىنا» (PLOS Medicine) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇشلۇق تۇرمۇش ئادىتى نۇرغۇن تۈردىكى راك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
ئەمما، تەتقىقات نەتىجىسى يەنە شۇنى كۆرسەتتىكى، ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ھەتتا بىر سائەتلا يېنىك ھەرىكەت قىلىشمۇ بۇ خەۋپنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.
«ئولتۇرۇشلۇق تۇرمۇش شەكلى كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى كالىفورنىيە شتاتى لۇڭ بىچ شەھىرىدىكى لۇڭ بىچ تېببىي مەركىزى مېمورىيال كېيىر تود راك تەتقىقات ئورنىنىڭ قان كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور داۋىد ياشار. ياشار بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان.
ياشار «خېلتلاين» (Healthline) غا مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى بىلىمىزكى، ماي مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ راك كېسىلىنىڭ مەلۇم بولغان خەۋپ ئامىلىدۇر. سېمىزلىك يەنە تۈز ئۈچەي راكىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك».
بۇ تەتقىقاتتا ئەنگلىيە بىئولوگىيەلىك بانكىسىدىكى 91 مىڭ 292 قاتناشقۇچىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى تەھلىل قىلىنغان. ھەر بىر قاتناشقۇچى يەتتە كۈن بويىچە ھەرىكەت نازارەت ئۈسكۈنىسى تاقىغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىچە 12.38 يىل بويىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن.
تەتقىقات جەريانىدا، ھەرىكەتلەر تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنگەن:
- ئۇزۇن مۇددەتلىك ئولتۇرۇشلۇق ھەرىكەت (30 مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۈزۈلمەي ئولتۇرۇش)
- ئئومۇمىي ئولتۇرۇشلۇق ھەرىكەت
- يېنىك سىجىللىقتىكى بەدەن ھەرىكىتى
- ئوتتۇراھالدىن كۈچلۈككىچە بولغان بەدەن ھەرىكىتى
ياشار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى، ئولتۇرۇشلۇق تۇرمۇش شەكلى ھورمون تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ سۈت بېزى راكىغا ئوخشاش بەزى ھورمونغا سەزگۈر راك كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇشلۇق تۇرمۇش ئادىتى راك سەۋەبىدىن ئۆلۈش خەۋپى ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئومۇمىي نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقتى. بۇ تۆۋەندىكىدەك راك تۈرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك:
- تۈز ئۈچەي راكى
- سۈت بېزى راكى
- ئۆپكە راكى
- پروستاتا راكى
ھەر بىر سائەت ئارتۇق ئۈزۈلمەي ئولتۇرۇش راك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم خەۋپىنى %10 ئاشۇرغان.
نۆۋەتتىكى كۆرسەتمىلەردە ھەر ھەپتىدە 150 مىنۇت ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەمما، بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا يېنىك سىجىللىقتىكى ھەرىكەتمۇ راك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار شۇنى بايقىدىكى، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر سائەتلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشنى يېنىك بەدەن ھەرىكىتى بىلەن ئالماشتۇرغاندا، راك سەۋەبىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى %12 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
تەتقىقات ئاپتورلىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بايقاشلىرىمىز شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئولتۇرۇشلۇق تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى پەقەت ئومۇمىي ئولتۇرۇش ۋاقتىغىلا باغلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىغا ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈزۈلۈپ تۇرۇشىغا باغلىق».
«بۇ ئەندىزە بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن مۇۋاپىق: تەجرىبە تەتقىقاتلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇشنى قىسقا ۋاقىتلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئۈزۈپ تۇرۇش، ئۈزۈلمەي ئولتۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا ماددا ئالماشتۇرۇش ئىنكاسىنى ياخشىلايدۇ».
ئەنگلىيە دۆلەتلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى (NHS) نىڭ ئېيتىشىچە، يېنىك بەدەن ھەرىكىتى ئولتۇرۇش ياكى يېتىشتىن باشقا، ھەرىكەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەر قانداق ئىشنى كۆرسىتىدۇ.
يېنىك بەدەن ھەرىكىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن:
- چاڭ-توزان سۈرتۈش
- چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن تازىلاش
- ئورۇن-كۆرپە جياش
- ئاستا مېڭىش
دائىملىق بەدەن ھەرىكىتى ساغلاملىقىڭىزغا نۇرغۇن جەھەتتىن پايدىلىق. ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەت تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما، شۇنى ئەستە ساقلاش كېرەككى، ئازراق ھەرىكەت قىلىش ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماسلىقتىن ياخشىدۇر. ئولتۇرۇش ۋاقتىڭىزنى يېنىك ھەرىكەت بىلەن ئۈزۈپ تۇرۇش، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن ياخشى بىر تۈرتكە بولالايدۇ.
مەنبە: Healthline | Thu, 02 Jul 2026 17:06