0:00 / 0:00
كۈندىلىك شېكەرلىك ئىچىملىك ئىچىش ئادىتىڭىز ئاشقازان راكى خەۋپىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

كۈندىلىك شېكەرلىك ئىچىملىك ئىچىش ئادىتىڭىز ئاشقازان راكى خەۋپىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

يېڭى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، گازلىق ئىچىملىك ياكى تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرىگە ئوخشاش قەنت قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنى كۈنىگە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئىچىش ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئىككى ھەسسىدىن كۆپ ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەمما سۈنئىي تاتلىقلاشتۇرغۇچ قوشۇلغان ئىچىملىكلەر بىلەن ئاشقازان راكى خەۋپى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بايقالمىغان. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى 17-ئاۋغۇست كۈنى «گاسترو خېپ ئادۋانسېس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ساغلام ۋە تەڭپۇڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئوخشاش بەزى تۇرمۇش ئۇسۇلى تاللاشلىرى ئاشقازان راكى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.
مۇتەخەسسىسلەر ئومۇمىي ساغلاملىق ئۈچۈن قەنت قوشۇلغان يۇمشاق ئىچىملىكلەر، ئېنېرگىيە ئىچىملىكلىرى ۋە بازاردا سېتىلىدىغان مېۋە شەربەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى چەكلەشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ماس گېنېرال برىگام راك تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرشۇناسى، مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ يېتەكچى ئاپتورى دوكتور ئاندرېۋ ت. چان مۇنداق دېدى: «بىزدە قەنت قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنىڭ تۈز ئۈچەي، ئەمچەك ۋە جىگەر راكى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىغا ئائىت كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بار ئىدى».
ئۇ «خەلسلايىن» خەۋەر تورىغا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %65 ي ھەر كۈنى بۇ خىل ئىچىملىكلەردىن ئاز دېگەندە بىرنى ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ ئاشقازان راكىغىمۇ ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالدى».
ئاشقازان راكى دۇنيا مىقياسىدا بەشىنچى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان راك تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
تەتقىقاتچىلار قەنت قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنىڭ ئاشقازان راكى خەۋپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن، 1976-يىلى ۋە 1986-يىلىدىكى چوڭ تىپتىكى تەتقىقاتلارغا قاتناشقان 112 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان. بۇ قاتناشقۇچىلار كۆپ يىللارغىچە كۆزىتىلگەن ھەمدە ئۇلاردىن يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئائىت سوئاللار سورالغان.
تەتقىقاتچىلار گازلىق ئىچىملىكلەر، مېۋە شەربەتلىرى، لىمون سۈيى ۋە تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەنت قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنى كۈنىگە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلغان كىشىلەردە ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ، بۇ خىل ئىچىملىكلەرنى ئايدا بىر قېتىمدىن ئاز ئىچىدىغانلارغا قارىغاندا 2.45 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
دوكتور چان مۇنداق دېدى: «قەنتلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئازايتىشنى ياكى باشقا نەرسە بىلەن ئالماشتۇرۇشنى تاللىسا بولىدۇ».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلاردا بۇ خىل مۇناسىۋەت يەنىلا ساقلانسا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتتە كېيىن بايقلىدىغان ۋە داۋالاش تەس بولغان بىر خىل راك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ۋە ئەمەلىي بىر يولنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا، يېمەك-ئىچمەكنىڭ راك خەۋپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى پەقەت بىز ئادەتتە ئويلايدىغان تۈز ئۈچەي راكىغا ئوخشاش راك تۈرلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويىدۇ».
چان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاشقازان راكى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كېسەللىك ئاللىقاچان كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈپ كەتكەن، داۋالاش ئۇسۇللىرى چەكلىك بولغان ۋاقىتتا ئېنىقلىنىدۇ. تەكشۈرۈش پىلانى بېكىتىلگەن بەزى راك تۈرلىرىگە ئوخشىمايدىغىنى، ئامېرىكانىڭ ئاشقازان راكىنى تەكشۈرىدىغان ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش سىستېمىسى يوق. شۇڭلاشقا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق خەتەرلىك ئامىللارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم».
تەتقىقاتچىلار تۆۋەن كالىورىيەلىك گازلىق ئىچىملىكلەرگە ئوخشاش سۈنئىي تاتلىقلاشتۇرغۇچ قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنى تەكشۈرگەندە، بۇ خىل ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئاشقازان راكى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.
چەن مۇنداق دېدى: «قەنت قوشۇلغان ئىچىملىكلەر بىلەن راك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قىسىم مېخانىزملار، مەسىلەن فرۇكتوزانىڭ مېتابولىزمغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ياكى ئېغىرلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقىرى ئىسسىقلىق مىقدارى، سۈنئىي تاتلىقلاشتۇرۇلغان ئىچىملىكلەرگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئىچىملىكلەر ئوخشاش تۈردىكى قەنت ياكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى: «شۇنداقتىمۇ، سۈنئىي تاتلىقلاشتۇرغۇچىلار بىلەن راك خەۋپى ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي پاكىتلار تېخى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. شۇڭا بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىمىزنى بۇنداق ئىچىملىكلەرنىڭ ھېچقانداق خەۋپى يوق دېگەن بىر تەرەپلىمە خۇلاسە دەپ قارىماسلىق كېرەك.»
كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانتا مونىكا شەھىرىدىكى پروۋىدېنس سېنت جون راك ئىنستىتۇتىنىڭ ئوپېراتسىيەلىك راك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، تېببىي بۆلۈم مەسئۇلى ھەمدە ئاشقازان-ئۈچەي ۋە ئۆت يولى پىروگراممىسىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئانتون بىلچىك بىر تال تاتلىق ئىچىملىكنىڭ ئاشقازان راكى خەۋپىنى بۇنچە يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىشىنى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئەھۋال دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىلچىك بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان.
بىلچىك قەنت قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل خەۋپنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بىلچىك تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ يەنە ئېغىرلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ بۇ يەردە رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدى.
بىلچىك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئاشقازان راكى بولسۇن ياكى باشقا تۈردىكى راك كېسەللىكلىرى بولسۇن، ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ياللۇغلىنىشتەك كۆرۈنىدۇ.»
«تاتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ياللۇغلىنىشنى ئاشۇرۇپ ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى چىقارمايدىغانلىقى تېخى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بىر قانچە خىل ئېھتىماللىق بار، ئەمما يەكۈن شۇكى، بىز تېخى بىلمەيمىز.»
تېكساس شتاتىنىڭ داللاس شەھىرىدىكى تىزىملاتقان ئوزۇقلۇقشۇناس ۋە مېرىدان زېرنېر ئوزۇقلۇق مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مېرىدان زېرنېر قەنت قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى بىر قېتىملىق ئالماشتۇرۇشتىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلدى. زېرنېر بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان.
زېرنېر خەلتلەين غا مۇنداق دېدى: «چۈشتىن كېيىنلىك گازلىق ئىچىملىك ياكى تاتلىق چايغا ئوخشاش بىر دانە قەنت قوشۇلغان ئىچىملىكنى سوغۇق سۇ، گازلىق مىنېرال سۇ ياكى تاتلىق بولمىغان مۇز چاي بىلەن ئالماشتۇرۇڭ.»
«ئۆزگىرىشنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىڭ — ئۆزىڭىزگە ئۇنى بىراقلا تاشلىۋەتمەستىن، بەلكى ئاستا-ئاستا ئازايتىشقا رۇخسەت بېرىڭ.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تاتلىق چاي ئۈچۈن، يېرىمى تاتلىق ۋە يېرىمى تاتلىق بولمىغان چاينى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ، ئاندىن نىسبەتنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىڭ. گازلىق ئىچىملىككە كەلسەك، ئاز مىقداردىكى گازلىق ئىچىملىكنى گازلىق مىنېرال سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇڭ ياكى ھەر كۈنى ئىچىشتىن ھەپتىدە بىر قانچە كۈنگە ئۆزگەرتىڭ.»
زېرنېر قەنتلىك ئىچىملىكلەرنىڭ پەقەت گازلىق ئىچىملىكلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ماركىسىغا قاراپ لىمون شەربىتى، سىمۇزى ئىچىملىكلىرى ۋە بەزى تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرىمۇ قەنت قوشۇلغان ئىچىملىكلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلارنى تاللاپ ئىشلىتىڭ ياكى قەنت مىقدارى تۆۋەن ياكى قەنتسىز تۈرلىرىنى تاللاڭ.»
«بەلگىسىنى ئوقۇڭ. بىر قېتىملىق ئىستېمال مىقدارى ۋە قوشۇلغان قەنتلەرنى تەكشۈرۈڭ، شۇنداقلا يۇقىرى فرۇكتوزىلىق كۆممىقوناق شەربىتى، قومۇش شەربىتى، گليۇكوزا، دېكستروزا، سۇكروزا، ئاگاۋې ۋە قويۇلدۇرۇلغان مېۋە شەربىتى قاتارلىق تەركىبلەرگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى بۇلار قەنتنىڭ تەسىر مىقدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
مەنبە: Healthline | Wed, 19 Aug 2026 17:27