0:00 / 0:00
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) 17 شىتاتتا «شىددەتلىك ئىچ سۈرۈش پارازىت قۇرتى» تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. يۇقۇملىنىش خەۋپىنى قانداق ئازايتقىلى بولىدۇ؟

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) 17 شىتاتتا «شىددەتلىك ئىچ سۈرۈش پارازىت قۇرتى» تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. يۇقۇملىنىش خەۋپىنى قانداق ئازايتقىلى بولىدۇ؟

كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) يېقىندا سۇدەك، تېز سۈرئەتتە ئىچ سۈرۈش ۋە باشقا ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پارازىت قۇرت يۇقۇملىنىشى، يەنى سىكلوسپورىئاسىز كېسىلىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
سىكلوسپورىئاسىز كېسىلى مىكروسكوپتىك پارازىت قۇرت سىكلوسپورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سىكلوسپورىئاسىز ئالامەتلىرى ئادەتتە پارازىت قۇرت بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە باشلىنىدۇ.
كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) 1-مايدىن 16-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا 145 سىكلوسپورىئاسىز كېسەللىك مىسالى ۋە 20 دوختۇرخانىدا يېتىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى. لېكىن يېقىندىن بۇيان، مىچىگان شىتاتىدا تۇيۇقسىز كۆپ مىقداردا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
مىچىگان ساغلاملىق ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ (DHHS) بىر باياناتچىسى خېلتلاين تورىغا بەرگەن باياناتىدا، 2-ئىيۇلغىچە شىتات مىقياسىدا 300 كېسەللىك مىسالى بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئادەتتە مىچىگاندا يىلىغا ئاران 50 ئەتراپىدا سىكلوسپورىئاسىز كېسەللىك مىسالى كۆرۈلەتتى.
مىچىگان ساغلاملىق ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى «مىنىستىرلىق مىچىگاننىڭ جەنۇبىي شەرقىدىكى يەرلىك ساغلاملىق بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە كېڭىيىۋاتقان سىكلوسپورىئاسىز يەنى ئىچ سۈرۈش كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى.
مىنىستىرلىق باياناتچىسى يەنە «بۇ تارماق كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇۋاتىدۇ، كېسەللىك زىيارىتىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ ھەمدە كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) ۋە مىچىگان يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا تەرەققىيات مىنىستىرلىقى (MDARD) بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلەۋاتىدۇ. ھازىرچە يۇقۇملىنىش مەنبەسى ياكى مەنبەلىرى تېخى ئېنىقلانمىدى» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) بىلەن كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) ھازىر 17 شىتاتتىكى يۇقۇملىنىشنىڭ يوشۇرۇن مەنبەسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئىشلىمەكتە. ھازىرغىچە مەلۇم قىلىنغان كېسەللىك مىساللىرى بىرلا ئورتاق مەنبەگە باغلىق ئەمەس.
16-ئىيۇنغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى 17 شىتات سىكلوسپورىئاسىزنىڭ كېڭىيىشىدىن تەسىرگە ئۇچرىغان:
جېئورجىيە، ئىللىنوئىس، ئىندىئانا، ئىئوۋا، كانزاس، كېنتاكىي، مارىلاند، ماسساچۇسېتس، مىچىگان، مىننېسوتا، مىسسۇرى، نېبراسكا، نيۇ-يورك، ئوخېئو، پېنسىلۋانىيە، ۋىرگىنىيە، ۋىسكونسىن.
دوكلات ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا، نيۇ-يورك ئەڭ كۆپ كېسەللىك مىسالى مەلۇم قىلغان شىتات ئىدى. لېكىن كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) ئەمەلىي ساننىڭ مەلۇم قىلىنغاندىن يۇقىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەكىتلىدى. تەشكىلات يەنە يۇقۇملىنىش مىساللىرىنىڭ پەقەت تىزىملىكتىكى 17 شىتات بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئۇچۇرلار ئىيۇن ئاخىرىدا مىچىگاندا كۆرۈلگەن تۇيۇقسىز يۇقۇملىنىش مىساللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان.
يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ يېشى 5 ياشتىن 86 ياشقىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 42 ياش بولغان. كېسەللىك مىساللىرىنىڭ تەخمىنەن %61 ي ئاياللاردا كۆرۈلگەن.
سىكلوسپورىئاسىز دىياگنوزى قويۇلغان كىشىلەر ئامېرىكانىڭ ئىچىدە يېمەكلىك يېگەندىن كېيىن كېسەل بولۇپ قالغان. ئۇلار ئالامەتلەر باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى 14 كۈن ئىچىدە سىرتقا ساياھەتكە چىقمىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
دوختۇرخانىدا يېتىش ئەھۋاللىرى مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ (CDC) دوكلاتىغىچە، ھېچقانداق ئۆلۈم ئەھۋالى مەلۇم قىلىنمىغان.
يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى سۇدەك ۋە تېز سۈرئەتتە ئىچ سۈرۈش بولسىمۇ، باشقا ئالامەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن:
- ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش
- ئورۇقلاش
- قورساق ئاغرىش
- قورساق كۆپۈش
- گاز كۆپىيىش
- كۆڭلى ئاينىش
- چارچاش
ۋاندېربىلت ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ۋىللىيام شافنېر (William Schaffner) خېلتلاين تورىغا مۇنداق دېدى: «داۋالانمىغان ئەھۋالدا، بۇ كېسەللىك بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىن، كۆپىنچە ھاللاردا توختاپ-توختاپ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئەڭ چوڭ خەۋپ سۇسىزلىنىش بولۇپ، بۇ ئىنتايىن ياش ياكى ياشانغانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر ئۈچۈن مەسىلە تۇغدۇرۇشى مۇمكىن».
سىكلوسپورىئاسىزنى داۋالاش ئادەتتە بىر تۈركۈم ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىكلو سپورىئاسېس كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پارازىت قۇرت ئادەتتە تەرەت بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
سىكلو سپورا ئادەم بەدىنىدىن تەرەت ئارقىلىق چىققاندىن كېيىن، يۇقۇملاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن بەدەن سىرتىدا 1 ھەپتىدىن 2 ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇ كېسەلنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك.
سىكلو سپورانىڭ يېمەكلىك ۋە سۇغا قانداق كىرىپ قالىدىغانلىقى تېخى تولۇق ئېنىق ئەمەس. يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ۋە بۇلغانغان سۇنى ئىچىشتىن ساقلىنىشتۇر.
ساغلاملىق ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكادا بولۇپمۇ ياز ئايلىرىدا بۇلغانغان يېڭى كۆكتات-مېۋىلەرنى يېيىش سەۋەبىدىن يۇقۇم ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى».
يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىخەتەر ئۇسۇللارنى قوللىنىش بۇلغىنىشتىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
مەنبە: Healthline | Mon, 06 Jul 2026 18:16